دوسلار سەمىگە:

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش! روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ساغلاملىق ئىزدىگۈچى مىھمانلار!

  ئالدى بىلەن سىزنىڭ تىۋىپ ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز، بىز كەڭ دوسلارنىڭ يىراق ئارلىقتىمۇ كىسەل كۆرسىتىش ۋە دورا سېتىۋېلىشى ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىمىز.

دوسلارنىڭ تۇرمۇش ۋە كىسەللىك ئەھۋالىدىن تارتىنماي مەسلىھەت سۇرىشىنى قارىشى ئالىمىز! 

                   <<  كىسەلنى يۇشۇرساڭ ، ئۈلۈم ئاشكارا>> دىگەن گەپ بار بىزدە

كۆرۈنمە ھالەت: نورمال | تىزىملىك

زەكەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ھەم جىنسىي تۇرمۇش


زەكەرنىڭ چوڭ كىچىكىلىكى , كۆپلىگەن ئەرلەرنىڭ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسى . ئۇلارنىڭ ئويلىشىچە , زەكەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ئەرلىكنىڭ نامايەندىسىنى ئىپادىلەيدۇ , زەكەر كىچىك بولۇپ قالسا ئەرلىك سەلتەنىتى قالمايدۇ دەپ ئويلايدۇ ھەم تويدىن كېيىنكى جىنسىي تۇرمۇش ھەم پەرزەنىت كۆرۈشكە تەسىر يىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ . شۇڭلاشقا زەكەر ئەسلى نورمال ياكى سەل كىچىك , ئۇزۇنلۇقى نورمال ئەرلەر .ئۆزىنىڭكىنى كىچىك دەپ ئويلاپ , ھاجەتخانىغا يۈرەكلىك كىرەلمەيدۇ , ئۆزىنىڭ ئايالىدىن تارتىنىدۇ , مۇنچىخانىلارغا يۈرەكلىك كىرەلمەي يۈرىدۇ ,ھەتتا كۈن بويى غەمكىن , چىرايىنى ئاچماي , يىگەن تامىقى تاماق بولماي , روھسىز يۈرىدۇ , شۇڭلاشقا ھەربىر ئەركىشى زەكەرنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ھەم كېيىنكى يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللارغا بولغان بىر توغرا تونۇشى بولۇش لازىم .  

رةڭلصك قوڭغۇراق موزصكصلصرص

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: زەكەر

كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان تاماق يېيىش ئادەتلىرى1. ئۇزاق مەزگىل ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ئېشىپ كېتىپ ، خولېستېرىننىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن . نەتىجىدە ئۆتتە تاش پەيدا بولۇش، يۈرەك مۇسكۇل تىقلمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.
   2. ئۇزاق مەزگىل زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان كىشىلەر ئاسانلا ئاشقازان يارىسى كېسىلى بولۇپ قالىدىكەن.
   3. دائىم قىزىق تاماق يەيدىغانلار ئاسانلا كېكىردەك ۋە ئاشقازان راكىغا گىرىپتار بولىدىكەن.
   4. تاماقنى دائىم تېز يەيدىغان ياكى يۇمشاقراق چايناپ يېمەيدىغانلار ئاسانلا ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى  قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىكەن.
   5. زىيادە تويۇنۇپ تاماق يېيىشكە ئادەتلەنگەنلەر ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىش نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدىكەن.
   6. ئاز تاماق يەپ ئادەتلەنگەن كىشىلەردە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدىكەن.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: يامان ئادەت. تاماق.


ئاياللارنىڭ يۈزىگە قورۇق چۈشۈرۈۋىتىدىغان توققۇز خىل يامان ئادەت
1 خاپىخانلىق
قانداقلا ئىشقا يولۇقسا خاپا بولۇپ چېچىلىپ يۈرىدىغان، قاپىقىنى تۈرىۋالىدىغان ئاياللارغا ئاسان قورۇق چۈشۈپ كېتىدۇ. كۈلكە ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ
2.    كېچىچە تورغا چىقىش
كەچتە ئۇخلىماسلىق ئەسلىدىنلا ئاياللار ئۈچۈن چەكلىنىدىغان بىر چوڭ ئىش، تورغا چىقىش بولسا گەپ-سۆزسىز تېخىمۇ چەكلىنىدۇ، كومپىيوتېرنىڭ رادىئاكسىيىسى تېرىمىزگە ناھايىتى زىيانلىق، ئادەمنى ئاسانلا قېرىۋىتىدۇ. شۇڭا كەلگۈسىدىكى ئۆزىڭىز ئۈچۈن بۇرۇنراق ئۇخلاڭ

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئاياللار، قورۇق. يامان ئادەت

قان تىپى ۋە خانىم -قىزلار


قان تىپى ۋە خانىم -قىزلار


A  قان تىپىدىكى ئاياللارنىڭ خاراكتېرى    ئالاھىدىلىكى: مۇلايىم، ئېغىر-بېسىق، زىل، كەمتەر، مېھرىبان، ھەمكارلىشىشقا، قۇربان بېرىشكە تەييار، جىمغۇر .
  

[تەپسىلاتى]

تۆت پەسىلنىڭ ھەر بىرىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار



باھار پەسلىدە سۈرگە ئىچىش، قان ئالدۇرۇشقا بولىدۇ.لېكىن قان ئالدۇرۇشتا كۆپ ئېھتىياتلىق بولۇش ،ھۆل ئىسسىق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

[تەپسىلاتى]

زۇكام بولغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

زۇكام بولغاندىن كېيىن بەدەن چېنىقتۇرۇشقا بولمايدۇ. زۇكام ۋىرۇس ياكى باكتېرىيە سەۋەبىدىن كۆرۈلىدۇ. ئادەم زۇكام بولغاندا بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەيدۇ، ئاق قان ھۈجەيرىسى ئېشىپ كېتىدۇ، ھۈجەيرىنىڭ يۇتۇش رولى، ئانتىتېلا ھاسىل بولۇش، جىگەر، ئۈچەينىڭ زەھەرنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۈچىيىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەدەن ئىچىدىكى ماددا ئالمىشىشمۇ كۈچىيىپ، توقۇلمىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش ۋە ئورگانىزمنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىۋېتىدۇ. بۇنداق چاغدا بەدەن چېنىقتۇرغاندا، بەدەن ئىچىدە پەيدا بولىدىغان ئىسسىقلىقنى ئاشۇرۇپ، ماددا ئالمىشىش تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، بۇ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، بەدەن ئىچىدىكى تەڭشەش ئىقتىدارىنى بىنورماللاشتۇرۇپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ جانلىنىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بەدەن ئىچىدىكى ئېنېرگىيە مىقدارى زىيادە كۆپ سەرپ بولۇپ كەتسە، ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ ھەم ئوكسىگېننىڭ سەرپىياتىنى زور مىقداردا ئاشۇرۇپ، ئۆپكىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك، ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زۇكام بولۇپ ئايروپىلانغا ئولتۇرغاندا قۇلاقنى ئاسراش كېرەك. زۇكام بولغاندا بۇرۇن ۋە يۇتقۇنچاق، يۇتقۇنچاق – بارابان پەردە قانىلىدا كېسەل ئۆزگىرىشى بولغانلىقتىن، ھاۋا ئوتتۇرا قۇلاق بوشلۇقىغا كىرەلمەي، ئاۋىياتسىيە خاراكتېرلىك ئوتتۇرا قۇلاق يەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، زۇكام بولغانلارنىڭ بۇرنى توسۇلۇش، ئېقىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئېغىرراق بولسا، ياخشىسى، ئايروپىلانغا ئولتۇرماسلىق لازىم. بۇنداق چاغدا ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش زۆرۈر بولۇپ قالسا، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك: بىرىنچى، ئايروپىلانغا چىقىشتىن بۇرۇن بۇرۇننى پاكىز تازىلاش ھەم بۇرۇنغا تېمىتىش سۇيۇقلۇقى(ئېفىدرىن)نى ئىشلىتىپ، بۇرۇن بوشلۇقى ۋە بۇرۇن، يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى شىلىمشىق پەردە قان تومۇرىنى يىغىپ، ھاۋا ئۆتۈشۈش ئەھۋالىنى ياخشىلاش لازىم. ئىككىنچى، ئايروپىلان قوزغالغان ۋە قونىدىغان چاغدا يۇتۇش ھەرىكىتىنى قىلىش لازىم.
    زۇكام بولغاندا يوشۇرۇن شەكىللىك كۆزەينەك تاقىماسلىق كېرەك. زۇكام بولغانلاردا دائىم يېنىك دەرىجىدىكى كۆرۈش پەردىسى يەللىكى پەيدا بولىدۇ، يوشۇرۇن شەكىللىك كۆزەينەك تاقىغاندا يەللىكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، نۇرغۇن زۇكامغا تاقابىل تۇرۇش، يۆتەلنى، ئاغرىقنى توختىتىش دورىلىرىدا كۆز يېشىنى توسۇش تەركىبى بار بولۇپ، ئۇ يوشۇرۇن شەكىللىك كۆزەينەكنى قۇرغاقلاشتۇرۇپ، ئېنىقلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

[تەپسىلاتى]

دانىخورەك چىقشنىڭ سەۋەبى

دانىخورەك چىقشنىڭ سەۋەبى


   ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تورداشلار مەن بۇ تېمىنى بىر توربەتتىن كۆرگەن ،سىلەرگە پايدىسى يىتىپ قالارمىكىن دېگەن مەخسەتتە يوللاپ قويدۇم .

    پىشانىگە دانىخورەك چىقسا ، سەۋەبى : بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى ، مىجەزىنىڭ ناچارلىقى ، قۇرۇق ئىسسىقنىڭ ئېشىپ كېتىشى ، قان ئايلىنىشنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن .

[تەپسىلاتى]

ئوسما ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رۇلى

ئوسما ۋە ئۇنىڭ شىپالىق رۇلى


تۇنۇش بۇ كىرىست گۈللۈكلەر ئائىلىسدىكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق، ئوسمىغا ئۇرۇقداش بۇلۇپ ئىگىزلىكى 30- 80 سانتىمىتىرغىچە ئۈسىدۇ. يىلتىزى ئۇزۇن، سىرتقى پوستى كۈلرەڭ سېرىق غۇلى تىك بۇلۇپ ، ئۈستىدە ئاق ئۇپىلىرى بار ، يۇپۇرماقلىرى نۆۋەتلىشىپ ئۈسىدۇ، تۈۋىدىكى يۇپۇرماقلىرى چوڭراق بۇلۇپ ساپىقى بار، يۇپۇرماق شەكلى سۇقىچاق، غۇلىدا ئۆسكەن يۇپۇرمىقى تىمىنە شەكىلدە، تۈۋى ئوقياسىمان بۇلۇپ ، غۇلىنى يېرىم  ئوراپ تۇرىدۇ، ئۇمۇمى گۈل رېتى ئۇچىدا ياكى قولتۇقىدا ئۈسىدۇ، گۈلى كىچىك، سېرىق، كىرىست شەكىلدە تىزىلغان، مۆڭگۈزسىمان مىۋىسى ئۇزۇن ، سۇقىچاق ، ياپىلاق تىكەنلىرى بۇلىدۇ.
دورىلىق قىسمى: دورىغا بۇ ئۈسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ۋە يۇپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
يىغىپ تەييارلاش بۇ ئۈسۈملۈكنىڭ يۇپۇرمىقى ياز پەسلىدە، يىلتىزىنى كۈز پەسلىدە يىغىۋىلىپ ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ، دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

[تەپسىلاتى]


ئۇلۇغ ئالىم ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى



[تەپسىلاتى]

تىىببى نەسىھەتلەر

تىببى نەسىھەتلەر

ھاپىز كالانى
ھەكىملەرنىڭ بىر قارارغا كېلىشىچە، ئادەمنىڭ جان-تېنىگە تۆت نەرسە چوڭ زىيان يەتكۈزىدۇ:
(1)    كۆپ يېيىش
(2)    كۆپ سۆزلەش

[تەپسىلاتى]

ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالسا........

  
ئىشتىھايىڭىز تۇتۇلۇپ قالسا........


1.ئانار سۇيى بىلەن بانان سۇيىنى قۇشۇپ ئىچىپ بېرىڭ.
2.خام تۇرۇپنى قەلەمچە قىلىپ توغراپ ،تۇز سېپىپ ئىستىمال قىلىپ بېرىڭ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: ئىشتىھا

يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلى


   دوختۇرلار كېسەل كۆرگەندە، ھەمىشە بەزىلەرنىڭ ئاللىقاچان ئېغىر يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، ھەتتا يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى، ئەمما ئاغرىقنىڭ ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى تېخىچە بىلمەيدىغانلىقىنى بايقايدۇ ياكى بەزىلەر كېسىلىگە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان چاغدا ئاندىن ئىلگىرى ئۆزىدە كېسەل ئالامىتى ياكى بېشارىتىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا ئېرەڭ قىلىپ كەتمىگەنلىكىنى ئېسىگە ئالىدۇ. شۇڭا كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ھەر دائىم كۆزىتىپ تۇرۇشقا دىققەت قىلىش لازىم. يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئۆزى كۆزىتىپ ئېنىقلاشنىڭ ئاددىي ئۇسۇلىنى ئىگىلىۋالسا، يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ھەردائىم چۈشىنىپ تۇرۇشقا، ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، يۈرەكتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى بالدۇر بايقاشقا ياردىمى بولىدۇ.
   1. تومۇر سوقۇشقا ئاساسەن ئېنىقلاش ئۇسۇلى: ئالدى بىلەن، بەش مىنۇت جىم ئولتۇرۇپ، ئاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇتتىكى تومۇر سوقۇش قېتىم سانى ئۆلچەپ چىقىلىدۇ، ئاندىن كېيىن 30 قېتىم زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇتتىكى تومۇر سوقۇش قېتىم سانى ئۆلچەپ چىقىلىدۇ، ئاندىن كېيىن بىر سائەت جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن يەنە ئۆزىنىڭ ھەر مىنۇتتىكى تومۇر سوقۇش قېتىم سانى ئۆلچەپ چىقىلىدۇ. ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن ئۆلچەپ چىقىلغان تومۇر سوقۇش قېتىم سانىدىن ھەرىكەت قىلىشنىڭ ئالدى – كەينىدە ئۆلچەپ چىقىلغان ئىككى قېتىملىق تومۇر سوقۇش قېتىم سانىنىڭ ئايرىمىسىنى ئېلىۋېتىپ، چىققان ساننى ئونغا بۆلسەك، كېلىپ چىققان نەتىجە 5 ~ 1 بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر كېلىپ چىققان نەتىجە 10 ~ 6 بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ئوتتۇراھال سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر كېلىپ چىققان نەتىجە 16دىن چوڭ بولسا، بۇ يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
   2. پەلەمپەيدىن چىقىش ئارقىلىق ئېنىقلاش ئۇسۇلى: بۇنىڭدا ئادەتتىكى تېزلىكتە بىنانىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن تۆتىنچى قەۋىتىگە (ئەگەر بىنانىڭ قەۋىتى پاكارراق بولسا بەشىنچى قەۋىتىگە) چىقىش، ئارىلىقتا توختىماسلىق كېرەك. بۇ چاغدىكى يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 100 قېتىمدىن ئاز بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 120 ~ 100  قېتىم بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ياخشىراق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛ يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 140 ~ 120  قېتىم بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ ئوتتۇرا ھال دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ؛  يۈرەك سوقۇش قېتىم سانى مىنۇتىغا 140 قېتىمدىن كۆپ بولسا، يۈرەك ئەھۋالىنىڭ  ناچارراق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

[تەپسىلاتى]

تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يان تېلېفونغا زىيادە بېقىنىۋېلىش كېسىلى بىر خىل مۇرەككەپ پىسخىكىلىق كېسەل ئىكەن. ھازىر بەزى كىشىلەردە يان تېلېفون بولمىسا ئىچى پۇشىدىغان، سىقىلىدىغان روھىي ھالەت شەكىللەنمەكتە. بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسلىقى، خىزمەت ئېھتىياجى ياكى تۇرمۇش ئادىتى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، يان تېلېفون ئىقتىدارىنىڭ كۆپ خىللىشىشىمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. يان تېلېفون ئىقتىدارىنىڭ ئېشىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ يان تېلېفوندا پاراڭلىشىش، ئالاقە قىلىش، تورغا چىقىش، ئويۇن ئويناش ۋاقتى كۆپەيگەچكە، ئىختىيارسىز بۇنداق پىسخىكىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدىكەن.
ئالاھىدە ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، سۈرەتكە تارتىش، سىن ئېلىش، مىكرو بىلوگلارغا يازما يوللاش، دوست ئىزدەش، توردىن مال سېتىۋېلىش... قاتارلىق مەشغۇلاتلار يان تېلېفوندىلا بېجىرىلىدىغان بولدى. ئۇنىڭغا يەنە كىتاب ئوقۇش، مۇزىكا ئاڭلاش، كىنو كۆرۈش، ئويۇن ئويناش قاتارلىق ئىقتىدارلار سەپلىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان مۇھىم قورالغا ئايلىنىپ قالدى. خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە يەر شارىدىكى يان تېلېفون ئابۇنتلىرى 5 مىليارد 280 مىليونغا يېتىپ، يەرشارى ئاھالىسىنىڭ %70نى ئىگىلىگەن. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «2011- يىلى 8-ئايلىق ئالاقە كەسپى ئومۇمىي ئەھۋالى» دا، ئېلىمىزنىڭ كۆچمە تېلېفون ئابۇنتى 940 مىليونغا يېتىپ، يان تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %68.8كە يەتكەن. بىر قېتىملىق بازار تەكشۈرۈش ئىدارىسى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 34 ياشتىن 52 ياشقىچە بولغانلارنىڭ يان تېلېفونغا بېقىنىۋېلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ئۇنىڭدىن قالسا 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە 50 ياشتىن ئاشقان ئابۇنتلارنىڭ يان تېلېفونغا بېقىنىش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇنداق بولغاندا يان تېلېفون نۇرغۇن ۋاقىتنى ئىگىلەپ، خىزمەت، ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. يان تېلېفونغا بېقىنىش گەرچە ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارمىسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە پىسخىك ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئەكس تەسىر ئىلىپ كېلىدىكەن. تەن سالامەتلىك جەھەتتىن ئېيتقاندا، يان تېلېفون رادىياتسىيەسى، ئۇزاق ۋاقىت يان تېلېفون ئېكرانىغا تىكىلىپ قاراش كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ناچارلاشتۇرۇۋېتىدىكەن، يان تېلېفونغا زىيادە بىقىنىۋېلىش كىشىلەرنىڭ نورمال دەم ئېلىش، چېنىقىش ۋاقتىنى ئىگىلەپ كېتىدىكەن. پىسخىك ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا، يان تېلېفونغا بېقىنىش كېسىلى كىشىلەردە تەشۋىشلىنىش، دىققىتىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، كىشىلەر ئارىسىدىكى يۈزتۇرا كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئازايتىپ، قېرىنداشلىق، دوستلۇق ۋە ئىنسانىي مېھىر - مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يان تېلېفونغا بېقىنىۋېلىش كېسىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىكەن: خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجى سەۋەبلىك يان تېلېفوننى كۆپ ئىشلىتىپ بۇ كېسەلگە «گىرىپتار» بولغان بولسىڭىز، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە يان تېلېفون ئىشلىتىشنى ئىمكانقەدەر ئازايتىڭ. باشقىلار بىلەن كۆپرەك يۈزتۇرا ئالاقىلىشىش، كۆپرەك دىققەتنى يان تېلېفوندىن باشقا ياققا بۇراش ئارقىلىق يان تېلېفوننىڭ قەلبىڭىزدىكى ئورنىنى ئازايتىڭ. ئويۇن ئويناش، تورغا چىقىش ۋە كۆڭۈل ئىچىش ۋەجىدىن يان تېلېفونغا بېقىنىپ قالغان بولسىڭىز يان تېلېفونىڭىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئاددىيلاشتۇرۇڭ. تۇرمۇشىڭىزنى رەڭدارلاشتۇرۇپ، جىسمانىي ۋە پىسخىك ساغلاملىققا پايدىلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىڭ، ساياھەت قىلىش، سىرتلاردا سەيلە قىلىش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن يان تېلېفون ئارقىلىق كۆڭۈل ئېچىش قېتىم سانىنى تەدرىجىي ئازايتىڭ. ئۇچۇرغا ئېرىشىشتە يان تېلېفونغىلا تايىنىۋالماي، گېزىت كۆرۈش، كىتاب ئوقۇش، تېلېۋىزور كۆرۈش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئۇچۇرغا ئېرىشىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: تېلىپۇن


ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىمىز تارىخىدىكى تۆھپىكار شەخسلەر

[1]غازىباي_مىلادىدىن بۇرۇنقى 350-يىللىرى خوتەندە ئۆتكەن ئاتاقلىق تىۋىپ بولۇپ،ئۇنىڭ 312 ماددىلىق دورىلار قامۇسى ۋە تېبابەت نەزەرىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان‹‹غازىباي ئوت-چۆپ دورىلار قامۇسى ››ناملىق مەشھۇركىتابىنى ئورخۇن -يىنسەي يېزىقى بىلەن مەنبەداش بولغان كارۇشتى يېزىقىدا يازغانلىقى توغرىسىدا مەلۇماتلار بار.مىلادى1200-يىللىرى ھىندىستاندا نەشىرقىلىنغان ‹‹ھەدىقەتۇل ئەقالىم››(ئىقلىملار تەزكىرىسى)دېگەن قامۇس خارەكتىرلىك ئەسەردە ‹‹تېرىم(تارىم)يايلىقىدىكى غازىباي قەدىمكى خوتەن رايونى  دائىرىسىدىكى نۇرغۇن دورىلارنى يەكۈنلەپ  312  ماددىلىق دورا قامۇسى يازغان غازىباينىڭ مەشھۇر ئەسىرىنى ئەپلاتون ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن غازىباينىڭ تېببېي ئىلمدىكى ماھارىتىگە يۇقىرى باھابەرگەن ۋە ئۇنىڭغا جاۋابەن ئامراق قىزى ئەنفىيالۇسنى غازىباينىڭ ئوغلى بارىيغا نىكاھلاپ بەرگەن›› دېيىلگەن.
[2]جىۋا_ كۇچا خانى  بەگ چۇڭنىڭ سىڭلىسى ۋە ئۇلۇغ ئالىم،شائىر،تەرجىمان كومىراجىۋانىڭ(334-413)نىڭ ئانىسى بولۇپ،ئۇئەقىللىق،زېرەك،بىلىمدە كامالەتكەيەتكەن مەشھۇر ئايال تىۋىپتۇر،ئۇ‹‹جىۋا بەش ئەزا كېسەللىكلىرى توغرىسىدا››ناملىق ئەسەرنى يازغان.بۇئەسەر 383-يىللىرى ئەتىراپىدا جىۋانىڭ ئوغلى كومىراجىۋا تەرپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمەقىلىنغان.بۇئەسەر قىلىن ئىككى كىتاپ بۇلۇپ ،كەمتۈك ھالەتتە تۇرپاندىن قېزىۋىلىنغان .ئۇ گىرمانىيەلىك ئالبېرىت ۋون لىكوك ۋە ئالبېرىت گىرون ۋېدىللار 1902-1903-يىللىرى تۇرپاندىن ئېلېپ كەتكەن تۆت كىتابنىڭ بىرى بولۇپ ،ھازىر گىرمانىيە پىروسى باكلاۋۇرلار ئىنىستىتوتىدا ساقلانماقتا.
[3]كومىراجىۋا_ئۇمىلادى 344 يىلى قەدىمكى غەربى دىيار كۈسەن(كۇچا)خانلىقىدا دۇنياغا كەلگەن ئاتاقلىق تەرجىمان بولۇپ،ئۇنىڭ ئاتىسى كومرايان مۇھىم دۆۋلەت ئەربابى ،ئانىسى جىۋا بولسا مەشھۇر ئايال تىۋىپ ئىدى.

[تەپسىلاتى]

خەتكۈش: شە خىس

ئاياللار جىنسى ئەزا ئاناتومىيسى


ئاياللار جىنسى ئەزا ئاناتومىيسى


ئاياللار جىنسى ئەزاسىنىڭ ئاناتومىيىسى.نورمال ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزاسى سىرتقى جىنسىي ئەزا ۋە ئىچكى جىنسى ئەزادىن ئىبارەت ئىككى قىسىمىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.سىرتقى جىنسىي ئەزا دوۋسۇن دۆڭى ،چوڭ جىنسىي لەۋ،كىچىك جىنسىي لەۋ ،دىلچىق،دالانچە چوڭ بېزى،قىزلىق پەردىسى،ۋە جىنسى يول ئېغىزى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.دىلچىق ئاياللار سىرتقى جىنسى ئەزاسىنىڭ ئالدى ئۇچىغا جىنسى لەۋلەرنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بولۇپ ،نېرۋا ئۇچلىرى ناھايىتى مول.ئۇ ئاياللار جىنسى ئەزالىرى ئىچىدىكى ئەڭ سەزگۈر ئورۇن بولۇپ،جىنسىي غىدىقلىنىشقا ئۇچرىغاندا كۆپۈشۈپ تىكلىنىدۇ.ئۇ ئاياللارنىڭ جىنسىي ھېسسىياتىنى قۇبۇل قىلىدىغان ۋە يەتكۈزىدىغان ئەزاسىدۇر.ئىچكى جىنسىي ئەزالار داس بوشلۇقىغا جايلاشقان بولۇپ ،تۇخۇمدان تۇخۇم نەيچىسى،بالىياتقۇ،ۋە جىنسىي يولنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.تۇخۇمداننىڭ فونكسىيىسى تۇخۇم ھاسىل قىلىش،ۋە جىنسىي ھورمون ئاجرىتىپ چىقىرىش بولۇپ ئاياللارنىڭ ئاياللىق ئالاھىدىلىكىنى ساقلايدۇ.تۇخۇم نەيچىسى تۇخۇم ھۈجەيرىسىنىڭ بالىياتقۇغا كىرىش يولى بولۇپ ،ئىسپېرما بىلەن تۇخۇم ئادەتتە تۇخۇم نەيچىسىگە قوشۇلۇپ  ئۇرۇقلىنىشنى ئادا قىلىدۇ.بالىياتقۇ ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىدىغان جايىدۇر.بالىياتقۇ بوينى كانىلىدا نۇرغۇن بەزلەر بولۇپ،توخۇم ئېقىدەك شىللىق سۇيۇقلۇق،يەنى ئاق خۇن ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.جىنسىي يول ئىچكى ۋە سىرتىقى جىنسى ئەزالار ئارىسىدىكى ئۆتۈشمە يول بولۇپ ،سىرتقى جىنسىي ئەزا بىلەن بىرلىكتە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ئەزالىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ،شۇنداقلا ئۇ يەنە ھەيز ۋە ھامىلىنىڭ چىقىش يولىدۇر.نورمال جىنسى يولدا بىر خىل باكتېرىيە بولۇپ ،جىنسىي يولنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى كىسلاتالىق مۇھىتىنى ساقلاپ ،كېسەل قوزغاتقۇچى باكتېرىيەلەرنىڭ جىنسىي يولدا كۆپىيىشىنى توسىدۇ-مەنبە-غازىباي ئۇيغۇر تىبابىتى مۇنبىرى-[http://hazibay.com]

[تەپسىلاتى]